باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېرىنادىن قومۇلغىچە بولغان تۆمۈر يولدا بۇ يىلنىڭ ئاخىرى پۈتۈن لېنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىدۇ

2015.04.22 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى كۆكخوت تۆمۈر يول ئىدارىسى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا 25مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تاماملىدى، قۇرۇلۇش پىلانلانغان مۇساپە 1322كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى قۇرۇلغان تۆمۈر يول كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت «ئوتتۇرا-ئۇزۇن مۇددەتلىك تۆمۈر يول تورى پىلانى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئېرىنادىن قومۇلغىچە بولغان تۆمۈر يولنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى 3يىلدىن بىر يېرىم يىلغا قىسقارغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدىكەن. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى بىلەن كۆكخوت ئارىلىقىدىكى مۇساپە 451كىلومېتىر قىسقىرايدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر