باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ 1-پەسىللىك GDP ئېلان قىلىنغان كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئېچىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

2015.04.16 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ھەر ھەپتە دېگۈدەك جۇڭنەنخەيدا ئېچىلىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1-پەسىللىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ باشلىنىشى مۇقىم بولۇپ،GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪7 ئاشقان؛ بۇ سان دەل لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان GDP نىڭ ئېشىش نىشانى.

  گوۋۇيۈەننىڭ بۈگۈنكى دائىمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسىتىلدى: يىللىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا پايدىلىق ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، توسالغۇلاردا تۈگىتىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بېكىتىلگەن پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشنى كۈچلۈك تۈزۈلمە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 1-پەسىللىك GDP ئېلان قىلىنغان كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئويلىنىشى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كەلگۈسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرىپىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بولۇپ، سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر