باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2015.04.16 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 15-ئاپرېل بېيجىڭدا تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار كۆكتاشلىق كىتابنى تارقاتتى. جۇڭگونىڭ تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ 2014-، 2015-يىللىق دوكلاتىدا ئېلىمىزدىكى 14 تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونىنىڭ شەھەر بازارلىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى چۈشەندۈرۈلۈپ، تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈش، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆكتاشلىق كىتابتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ نامراتلىق، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، مۇھىتنىڭ چېكىنىشىدىن ئىبارەت ناچار ئايلىنىشىنى تۈگىتىپ، تەبىئىي بايلىققا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىۋالىدىغان ،ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزىدىغان تېرىكچىلىك قېلىپىنى ئۆزگەرتىش؛كەسىپ بىلەن بوشلۇق ئامىلىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۈنۈمى، نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي ماھارىتى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە. يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشتا بۇرۇلۇش ياساشتىكى تۈپ يول.كۆكتاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شەھەر بازارلاشتۇرۇش تىپىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىش نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار ساياھەتچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك تىپى، بايلىق توپلاش تىپى ، چېگرا سودىسىنى گۈللەندۈرۈش تىپى، قاتناش تۈگىنى تىپى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تىپىدىكى شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى تېزلەتسە بولىدۇ. دۆلەت تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەندە سىياسەت جەھەتتىن كۆپرەك ئېتىبار بېرىپ، جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك. بۇ سىياسىي جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش، كەسىپ مەدىتى ، بايلىق ياردەم مەدىتى ۋە ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر