- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


1-پەسىللىك ماكرو ئىگىلىكنىڭ سانلىق مەلۇماتى بۈگۈن ئېلان قىلىندى
2015.04.15 17:01 مەنبە: خەلق تورى
GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪7 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنجۇڭگو ئاخبارات تورى، بېيجىڭ، 15-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلقى 1-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئاھالىنىڭ كىرىمى قاتارلىق ماكرو ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
ھازىر، قىسمەن ماكرو ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى، قىسمەن ئالدىن كۆرسەتكۈچلەر ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ 3-ئايدىكى سېتىۋېلىش دىرېكتور كۆرسەتكۈچى(PMI) ٪50.1 بولۇپ، 2-ئايدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنىت ئۆرلەپ، كرىتىك نۇقتىدىن قايتا يۇقىرىلىغان؛ 1-پەسىلدە خەلق پۇلى قەرز سوممىسى 3 تىرىليون 680 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 601 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاشقان.قىسمەن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 1-پەسىللىك تاشقى سودىدا ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪6 تۆۋەنلەپ، ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن؛ 1- پەسىللىك مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول يۈك تىرانسىپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪9 تۆۋەنلىگەن؛ 3-ئايلىق CPI قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاران ٪1.4 ئېشىپ، مال باھاسى ئىزچىل تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان؛ 3-ئايدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى (PPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪4.6 تۆۋەنلەپ، ئۇدا 37 ئاي مەنپىي ئاشقان.
بۇنداق ئەھۋالدا بازارنىڭ 1-پەسىللىك GDP ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاپ، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ٪7 ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر