- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
2015.04.16 14:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15-ئاپرېل تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ياشلار پارتىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ سومالىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ھۇجۇم قىلشى ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن بىر ئەسكىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى سومالىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاتناشقۇچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق مەقسەتتە بولغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ سومالىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. سومالىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى 14-ئاپرېل ياشلار پارتىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئالتە ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 كىشى قازا قىلدى، ياشلار پارتىيەسى بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر