باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مەخسۇس تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدۇ

2015.04.20 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى «ناھىيە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلار ئىچىدە ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس تەلىم-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، 2015-يىلى ناھىيە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلار ئارىسىدا « ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش » مەخسۇس تەلىم-تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: « ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش » مەخسۇس تەلىم-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا « ئۆزىنى قاتتىق تەربىيەلەش، ھوقۇق ئىشلىتىشتە قاتتىق بولۇش، قاتتىق ئىنتىزامچان بولۇش، ئىش قىلىشتا ئەمەلىيەتچىل، ئىگىلىك تىكلەشتە ئەمەلىيەتچىل، ئادەم بولۇشتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش» تەلىپى بويىچە سېلىشتۇرۇپ، كۈچنى پارتىيەگە سادىق، ئىستىلى پاك، مەسئۇلىيەتنى يۈرەكلىك ئۈستىگە ئېلىشقا مۇجەسسەملەپ، «قاتتىق ئەمەلىي بولماسلىق مەسىلىسى»نى كۈچەپ ھەل قىلىپ، « ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپىنىڭ ئىدىيەدىكى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەتتىكى ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»نى تۈزەشنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنتىزامدا قاتتىق، قائىدىلىك، ياخشى سىياسىي ۋەزىيەت يارىتىش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەلەپنى چېڭىتىپ، مەسىلە يىتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش كۈچى يىتەرسىز بولۇش، ئىدىيە، ئىتىقادتا تەۋرىنىش، روھى خۇنۇكلىشىش، باش مەقسەت ئېڭى ئاجىز بولۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قاراش، ئاممىنىڭ دەردىگە يەتمەسلىك، پارتىيىۋىلىك تەربىيەلىنىشى يىتەرسىز بولۇش، پارتىيەنىڭ پرىنسىپىنى تەكىتلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ئەمەلدار بىلەن سودىگەر تىل بېرىكتۈرۈش، پايدا يەتكۈزۈش، دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالماسلىق، ئىنتىزامغا خىلاپ «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»نى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي پىرىنسىپقا سەل قاراش، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، سەمىمىي راستچىل بولماسلىق، ئۆز بېشىمچىلىك قىلىش، قەلبىدە پارتىيە ئىنتىزامى بولماسلىق، دۆلەت قانۇنىنى ئىتىبارغا ئالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ «ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش »نى تەربىيەلىنىش، ئادەم بولۇش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق قوللانما، ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەرىكەت مىزانى قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچنى چېڭىتىش، ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نىڭ ياخشى كادىرلىرى بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر