باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2015.04.20 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتىتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن كۇرۇسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۈگىنىش توغرىسىدا يىتەكچى دوكلات بەردى.

  مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئاپاپراتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى- پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيەنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىدىغان تەشكىلى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش. مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيوروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە ئاساسەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى- مەركىزى كومىتېت ئىشخانىسى قاتارلىق مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدا يېڭىدىن يەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسس قىلدى. تۇرۇشلۇق تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەتتە يېڭىدىن تەسس قىلىنغان تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نۆۋەتتە ئوڭۇشلۇق تەشكىللەندى ھەمدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. «پىكىر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ۋەزىپە ۋە تۈزۈلمە مېخانىزم ئاستىدا فونكىسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆت قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.

  تەربىيەلەش مەزگىلىدە، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پارتكومنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ئاساسى مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلار رەھبەرلىك كوللىكتىپى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرىغا دەرس بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر