سۈرەتتە:پاكىستان راۋالپىندى ئايرودرومدا، يەمەندىن چېكىنىپ چىقىپ ۋەتەنگە قايتقان پاكىستان پۇقرالىرى ئايرودۇرۇمدىن چىقماقتا (2015-يىلى -3-ئاپرېل فوتوسى )
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 176 پاكىستان پۇقراسى 2 - ئاپرېل يەمەن ئادېن پورتدىن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ يەمەندىن چېكىندى، ھەمدە ئىسلامئابادغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى. جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان پاكىستان، جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنا دۆلىتى ۋە ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 64 يىلدىن بۇيان ، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى قېرىنداش ، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە ياخشى دوست ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو خەلقى پاكىستان خەلقنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى