- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يېڭى سەلبىي تىزىملىكتە پەقەت 122 تۈرلۈك ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى بار
2015.04.21 17:03 مەنبە: خەلق تورى
ئەركىن سودا سىناق رايونى يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 20-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ۋاڭ شۇۋۋېن مۇنداق دېدى: شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەندىن ئىبارەت تۆت ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن سەلبىي تىزىملىكى بولىدۇ. يېڭى سەلبىي تىزىملىكتە پەقەت 122 تۈرلۈك ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرى بولۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
ۋاڭ شۇۋۋېن مۇنداق دېدى: شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى قولغا كەلدى. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى بىلەن سېلىشتۇرما تەجرىبە، تولۇقلىما تەجرىبە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا كۆپ خىل تەجرىبە قىلىپ ئىسپاتلاش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە قاراپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شۇنداقلا گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەندە يېڭى ئەركىن سودا سىناق رايونىدىن ئۈچنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.ۋاڭ شۇۋۋېن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تۆت سودا سىناق رايونى شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئەسلىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزمۇنى ئاساسىدا، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر