باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ھاكىم-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا «ئۈچتە تەلەپجان، ئۈچتە راسچىل» بولۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە»نى تارقاتتى

2015.04.20 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھاكىم-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا «ئۈچتە تەلەپجان، ئۈچتە راسچىل» بولۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، 2015-يىلى ھاكىم-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا «ئۈچتە تەلەپجان، ئۈچتە راسچىل» بولۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئۈچتە تەلەپجان، ئۈچتە راسچىل» بولۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، «تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇش، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇش» تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، نۇقتىنى پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، شەخسىي پاكلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، «قاتتىق بولماسلىق، ئەمەلىي بولماسلىق» مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، «ئۈچتە تەلەپجان، ئۈچتە راسچىل» بولۇش تەلىپىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، تىرىشىپ «تۆت خىل خاھىش»نى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، ئىنتىزام، قائىدىگە رىئايە قىلىش، ياخشى بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش، چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ئىشلەش، ئىسلاھاتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر