باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كارخانىچىلار تور ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.04.15 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 14- ئاپرېل سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مۇتەخەسسىس ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  سۈرەتتە: لى كېچياڭ ۋاڭيى شىركىتى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىڭ لېي بىلەن پاراڭلاشماقتا. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا، مۇتەخەسسىس ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. كارخانا مەسئۇللىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋاڭيى شىركىتى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىڭ لېي يىغىندىن كېيىن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سۆھبەت يىغىنىدا «زۇڭلىنىڭ كارخانا تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان سىياسەتلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكى» چوڭقۇر تەسرات قالدۇردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا لى كېچياڭ مۇتەخەسسىسىلەر ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىرلەشتى.

  «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى زور بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكىلىق كۆك ياقىلىق ئىشچىلارغا مۇھتاج، مائارىپ كەسپىي تېخىنىكىدىكى ھالقىلىق ئامىل، بۇ كىشىلەرگە ئالاقە تورىدا ھەقسىز تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلمىز، بىراق يان تېلېفون ئىقېم مىقدارى ھەققى بەك قىممەت، بىر G ئېقىم مىقدارى 70 يۈەن. سۇڭا زۇڭلىغا تەكلىپىم، جامائەت ئۇچۇر قانىلى تەسىس قىلساق، ئابونچىلارنىڭ ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ»،دېدى دىڭ لېي. لى كېچياڭ دەرھال ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئېقىم مىقدارى ھەققىنى قانداق قىلىپ تۆۋەنلىتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى تاپىلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر