- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋېنگرىيە پارلامېنتى ئىراق گۇرۇھىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتغا زەربە بېرىشىگە ھوقۇق بەردى
2015.04.15 15:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋېنگرىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن بىر قارار ماقۇللاپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا 150 ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى قارار قىلدى.
قارارغا ئاساسەن، ۋېنگرىيە ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 2017-يىلى 31-دېكابىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ۋېنگرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى ۋېستئالتو مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى دۇنياغا نىسبەتەن تەھدىتتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ تەشكىلاتى پۈتكۈل غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك ياۋايىلارچە ھۇجۇم قىلدى، شۇڭا ھۆكۈمەت پارلامېنتقا ئەسكەر ئەۋەتىپ قوللاش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. پارلامېنتنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقى بېرىشى ئاقىلانىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر