- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2015-يىلى شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا160 مىڭ 500 ئادەم تىزىملىتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2مىڭ 100 ئادەم ئازايدى
2015.04.15 15:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -15 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى يېقىندا ئاياقلاشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، شىنجاڭدا 2015 - يىلى جەمئىي 160 مىڭ 500 ئادەم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 2مىڭ 100 ئادەم ئازايغان.
ئىگىلىنىشچە، 2015 - يىلى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 51مىڭ 100 ئادەم، تەبىئىي پەنگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 102مىڭ 800 ئادەم، ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 6 مىڭ 600ئادەم. ئەڭ كۆپ تىزىملاتقان ئادەم سانى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ، 25مىڭ 600 ئادەمگە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا قەشقەر ۋىلايىتى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 21 مىڭ 800 ئادەم . پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ۋە شەھەردە تىزىملاتقان ئادەم سانى ، ئون مىڭ ئادەمگە يىتىدىغان رايۇنلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى، ئاقسۇ، سانجى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى. شىنجاڭ 2015 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن جەمئىي 6707 ئىمتىھان مەيدانى تەييارلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر