باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ

2015.04.17 11:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. مەيلى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن قاتنىشىش، بىرلىكتە قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتى ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشسا بولىدۇ.

  دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنىڭ يېڭىدىن چىقىرىلغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىر بەلۋاغ بىر يول مەخسۇس تېمىلىق خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: جۇڭگو بىر بەلۋاغ بىر يول خەلقئارا باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئالاقىلاشماقچى ۋە كېڭەشمەكچى.ھازىرقى كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپلىك كېڭىشىنى كۈچەيتىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر