باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما پارلامېنتنىڭ ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە سەۋرىچان بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.04.20 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 17-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى، ئامېرىكا پارلامېنتى بۇنىڭ ئۈچۈن سەۋرىچان بولۇشى كېرەك. ئوباما شۇ كۈنى زىيارەتكە بارغان ئىتالىيە زۇڭلىسى لېنزى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ناۋادا ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئەڭ ئاخىردا ئىران بىلەن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلسا، پارلامېنتنىڭ كېلىشىمنى قاراپ چىقىش ۋە كۆز قارشىنى ئىپادىلەشكە تولۇق پۇرسىتى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: لېكىن ھازىر بىز يەنىلا سۆھبەتلىشىۋاتىمىز، شۇڭا بىر ئاز سەۋرىچان بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر