باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 1 پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلەتتى

2015.04.20 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5-فېۋرال ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، مەركىزىي بانكا بۈگۈن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يەنە 1 پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى بىلەن تەخمىنەن 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  مەركىزىي بانكا 19-ئاپرېل 2015-يىلى 20-ئاپرېلدىن باشلاپ ئامانەت پۇل تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنىڭ 1 پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئاساستا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى قوللاش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ۋە مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 20-ئاپرېلدىن باشلاپ يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى، يېزا-بازار بانكىسى قاتارلىق يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى نورمىدىن سىرت يەنە 1 پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىتىلىدىكەن ۋە يېزا ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈلىدىكەن؛ جۇڭگو يېزا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى نورمىدىن سىرت 2 پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىتىلىدىكەن؛ ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ياكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىش سوممىسى بەلگىلىك نىسبەتكە يەتكەن دۆلەت بانكىسى ۋە پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئوخشاش تۈردىكى ئاپپاراتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋىيىسىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنىت تۆۋەنلىتىلىدىكەن.يۇقىرىقى نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى قالدۇق سوممىسى 124 تىرىليون 890 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئامانەت پۇلى تەييارلىق فوندىنى بىر تۇتاش تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن 1 تىرىليون 240 مىليارد يۈەن پۇل ئوبورت قىلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر