باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا جايلار ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك

2015.04.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 27 ئۆلكە ئۆلكە دەرىجىلىك مەجبۇرىيەت ۋە ئاپپاراتلارنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى، 10 جاي بىرلىككە كەلگەن «كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى» تارقاتتى، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»غا پىكىر ئېلىش يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ، ئۆزگەرتىپ، مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن ئىمكانقەدەر تېزدىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش ئاساسىي سۇپىسى ماھىيەتلىك قۇرۇش باسقۇچىغا كىردى.

  لېكىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 300 نەچچە ۋىلايەت، شەھەر، ئوبلاست، ئايماق، 2800 نەچچە ناھىيە، شەھەر، رايون، خوشۇن ئىچىدە پەقەت 50 ۋىلايەت، شەھەر، 101 ناھىيە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەجبۇرىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى تاماملاپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪16 ۋە ٪4 كىمۇ يەتمىگەن. مەجبۇرىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تاماملىغان شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇناسىپ تىزىملاش ئاپپاراتلىرى ۋە كونكرېت تىزىملاش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرمىگەن.

  مەملىكەت بويىچە قارىغاندا، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنىڭ مەجبۇرىيەت ۋە ئاپپاراتلارنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدە كەينىدە قېلىپ، ھازىر كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى»نى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ قىيىن ۋە چوڭ توسالغۇغا ئايلانغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر