باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» بېيجىڭدا ئوينالدى

2015.04.20 10:41   مەنبە: خەلق تورى

ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» بېيجىڭدا ئوينالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم) 18-ئاپرېل كەچتە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرا «يېپەك يولىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى، مەڭگۈلۈك مەشرەپ» خەلق سارىيىدا قويۇلدى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى دۆلەتلىك مىللەتلەر كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلار تەشكىللىگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش، شىنجاڭنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان مەشرەپنى تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  مەشرەپ ناخشا-ئۇسسۇل، خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى، تىياتىر، نەزمە، سېرىكچىلىكنى بىر گەۋدە قىلغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق ئوپېرا بولۇپ، «مۇقەددىمە»، «بۆشۈك»، «سەنئەت ئۆگىنىش»، «مايسا»، «ئورمانلىقتا ئارام»، «مول-ھوسۇل»، «توي» ۋە «تەنتەنە» قاتارلىق 7 بۆلەكتىن تەركىب تاپتى، بىر جۈپ ياشنىڭ «مەشرەپ» مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن ھېكايىسى باش تېما قىلىنىپ، ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى ئوخشىمىغان ئورۇنلاش شەكلى ۋە مول مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى نامايان قىلدى.

  مەشرەپتە يەنە دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس ۋە داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بىرى بولغان «گۈلمەرەم»نى ئورۇنلاپ، پائالىيەتنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. بېيجىڭدىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن نەچچە مىڭ تاماشىبىن نەق مەيداندىن ئۇيغۇر مەشرىپىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا