باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ساختىلىق»نى ئاشكارىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتايلى!

خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتى سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ

2015.04.17 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەت ئىستۇنىغا ماقالە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى«ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۆلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرش توققۇز ئۆلۈشتۇر». ئەمەلىيلەشتۈرۈلسىلا، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتچىل بولۇش بەزىلەر ئۈچۈن قىيىن ئىش بولۇپ قالدى. ئىستىل قۇرۇلۇشىدا «يىغىندا سۆزلەپ قويىمىز، يىغىندىن كېيىن ئويناپ يۈرۈيمىز» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئسىلاھات- تەرەققىيات جەھەتتە بولسا «قەغەزگە چىرايلىق يېزىپ قويدۇق، تامغا ئېگىز ئېسىپ قويدۇق» بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، قىممەت تەربىيەسىدە «شۇئار توۋلايمىز، چاتىغىمىز يوق يۈرۈيمىز» قارىشى ھېلىھەم مەۋجۇت. مانا مۇشۇنداق سۇدا لەيلەپ، ئاسماندا لەيلەپ يۈرۈپ، خىزمەتلىرىمىز ئاقمايۋاتىدۇ، ئامما دوقىراپ يۈرۈيدۇ. «خەلق» گېزىتى «بۈگۈنكى سۆھبەت» مەخسۇس ئىستونىدا 15- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «ھۆججەتنى تاج قىلىۋېلىشنى توسۇيلى» ناملىق ماقالىدا ئەمەلىيەتچىل بولماسلىقتەك مۇشۇنداق ھادىسە نۇقتا قىلىندى.

  ئاممىنىڭ نازارىتى شىپالىق دورا. ئىسلاھات-تەرەققىياتتا يەنە قايسى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»لارغا يېتىش كېرەك؟ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا يەنە قانداق باش كۆتۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋە ئەكسىگە قايتىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك؟ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە، تەپسىلىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ «خەلق» گېزىتى «بۈگۈنكى سۆھبەت» ئىستۇنىغا «ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا قىيىن نۇقتىلار نېمە؟» دېگەن تېمىدا ماقالە قوبۇل قلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى، جانلىق مىساللارنى يېزىپ «ساختىلىق» نى ئاشكارىلاپ، قانداق قىلغاندا ئەمەلىيەتچىل بولغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ئېلخەت ئادېرىسى: com.163@ rmrbjrt فاكىس: 65368684-010 پوچتا نومۇرى ۋە ئادېرىسى: 10073 ، بېيجىڭ چاۋياڭ رايونى جنتەي غەربىي يولى 2-نومۇر «خەلق» گېزىتى ئوبروزچىلىق بۆلۈمى

  ئۈندىدار جامائەت نۇمۇرى: خەلق گېزىتى ئوبزورى (rmrbpl)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر