خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى بۈگۈن 2015-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 1931 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 1486 كىشىنى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلداردىن بىرسى، ۋالى-نازىر دەرىجىلىك ئەمەلداردىن 11ى جازالانغان. جازالانغان ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ كونكرېت ئۇچۇرى ئاشكارىلانمىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلداردىن ئۈچەيلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانىدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئۈچ ئەمەلدارنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم 2014-يىلى 12-ئاي، 2014-يىلى 5-ئاي ۋە 2013-يىلى 12-ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغانىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى