باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن يېشىللىق كۆلىمى 10كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى

2015.04.20 13:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر توختى ئەرشىدىن خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،جايلارنى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە تەڭشەشنى قوللاپ،ئىقتىسادىي ئورمان،ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلىشنى كۆلەملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە،شەھەر ئەتراپىنى كۆكەرتىش، شەھەر – بازارلارنى باغ ۋارانلاشتۇرۇپ يېشىللىق كۆلىمىنى يىلمۇ – يىل ئاشۇرۇشنى شەھەر – بازارلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ۋە ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم بىر تەدبىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتتتى.ھازىرغا قەدەر،ئاقسۇ ۋىلاىيىتىدە 1مىليۇن 487مىڭ 500مۇ سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىنىپ،ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 6.8%كە يەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدە شەھەرنىڭ كۆكەرتىلىش كۆلىمى 43.4كىۋادرات كىلومېتىرغا يىتىپ،يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى 34.4%كە،شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن باغچىلاشقان يېشىللىق كۆلىمى 10.66كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان،ئاقسۇ ۋىلايىتى نوقتىلىق ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نوقتا قىلىپ،تېرىلغۇدىن بوشىتىلغان يەرلەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە «ئۈچ شىمالىي رايۇن ئورمىنى»قۇرۇلۇشىنىڭ 4-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ ھەمدە ئاقسۇ شەھرى بىلەن كۇچا ناھىيەسىدىن ئىبارەت «ئىككى باشلامچى شەھەر»نى قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، «ئۈچلەشتۈرۈش»قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.ئۇندىن باشقا يەنە،«ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قۇيۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن،ئورگان،كەسپىي ئورۇن،كارخانىلار،ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ئىشلەۋاتقان خادىملار،شۇنداقلا شەھەر –بازارلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىلار ،يەككە –سودا سانائەتچىلەر ۋە ۋاقىتلىق تۇرغۇنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان سىرتىن كىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىششىنى تەلەپ قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر –يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇشىچە،ئاقسۇدا شەھەرنىڭ يېشىللىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرلۈشى شەھەر- بازارلارنىڭ ھاۋا كىلىماتىنى تەڭشەش،ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينىغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئاقسۇ شەھرىنىڭ ھاۋا،مۇھىت،سۈپىتىنى ئۆلچىگەندە،ھاۋاسى 1-،2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان ياخشى كۈن سانى ئۈنۈملۈك ئۆلچەنگەن كۈن سانىنىڭ 65%ئىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر