باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەرقىي شىمالغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە نېمىشقا مىنىستىرلارنى بىللە ئېلىپ باردى؟

2015.04.13 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10-ئاپرېل چاڭچۈندە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۇنجى قېتىملىقى خىزمەت تەكشۈرۈشىنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىن باشلىدى.

  شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى سۆھبەت يىغىنىغا يەنە مۇھىم مىنىستىرلار قاتناشتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلەر ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن سىرت، يەنە مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يى، سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى جۇڭ شەن، ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنتاڭلار بار ئىكەن.شۇنچە كۆپ مىنىستىرلارنىڭ جەم بولۇشى يىغىننىڭ خېلى سالمىقى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يىغىندا «نۆۋەتتىكى شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىقتسادى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، شەرقىي شىمالنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدا تەتقىقات خىزمىتى» باش تېما قىلىندى.

  بىر رايوننىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ مىنستىر كېلىدۇ؟ تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن بۇنىڭغا جاۋاب تاپالايسىز: بۇ رايون جۇڭگو زېمىنىنىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، 100 مىليوندى ئارتۇق نوپۇسى بار. زۇڭلىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «شەرقىي شىمال دۆلەت ئىستېراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ»، «مۇھىم سانائەت بازىسى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاشلىق ئامبىرى»، «جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتىدىكى ئىمكانىيەتلىك جاي ۋە يوشۇرۇن كۈچى بار ماكان».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر