باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«غەلىتە ئىسپاتلار» ئازراق بولسۇن

2015.04.13 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن «بويتاقلىق ئىسپاتى» ئېلىش، چەت ئەلگە چىقىشتا جىددىي ئالاقىلەشكۈچى بولغان ئاپامنىڭ ئۆز ئاپام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، نوپۇس يۆتكىگەندە دادامنىڭ ئۆز دادام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ..... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق ئىسپاتلار كىشىلەر ئارىسىدا بەس مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ ئىش كىشىلەرگە ئۆتكەن يىلى گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سىزغان، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان 103 خىل گۇۋاھنامە-كېنىشكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 3.8 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «ھاياتلىق گۇۋاھنامىلىرى» دېگەن رەسىمنى ئەسلەتتى.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈرلۈك گۇۋاھنامە-كېنىشكە، ئىسپاتلار قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە شەخسنىڭ سالاھىيىتى، ساپاسىنى ئىسپاتلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن ھەق ئېلىش، مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، بولسا-بولمىسىمۇ بولىدىغان، ئوخشاش بىر خىلدىكى گۇۋاھنامە-كېنىشكىلەرنى ئازلاتماستىن ياكى بىرلەشتۈرمەستىن، يەنە ئىسپات ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان قىسمەن ئىشلارنى زورلاپ پەيدا قىلىش شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش نىشانىغا تۈپتىن زىت.

  ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ھوقۇق تىزىملىكى»نى ئاشكارا قىلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىسلاھاتنىڭ چوڭ يۆنىلىشى. بۇنداق ئىسلاھات تەدبىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ھېس قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان ماتېرىيال بىلەن ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى رەتلەپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولدىغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىخچاملايدىغانلىرىنى ئىخچاملاش، ئالدىغا بېرىپ بېجىرگىلى بولىدىغانلىرىنى ئالدىغا بېرىپ بېجىرىش، توردا بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى توردا بېرىش كېرەك. شۇندىلا ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلىغىلى بولىدۇ. (تەرجىمە مۇھەررىرى تۇرغۇن ئابلىز)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر