شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاپرېل يەمەننىڭ پايتەختى سانائانىڭ شىمالىدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبى سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ‹‹ كەسكىن بوران ›› ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد 11-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك جەڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى دېگەن: يەمەنگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە 1200 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئاجرىتىپ يەمەندىكى خۇسەي قوراللىقلىرى ۋە سابىق زۇڭتۇڭ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.