باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە 80 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇلىدۇ

2015.04.13 14:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل مايدىن باشلاپ بەش ئاي سەرپ قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 80 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويىدۇ، بۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىدە تۇرۇپلا بالېت، دىراما قاتارلىق نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 10-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پائالىيەت مەزگىلىدە مەركىزىي بالېت ئۆمىكى، مەركىزىي مىللىي ئوركېستىر تەكلىپ بىلەن شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ نومۇر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ بەدىئىي تىياتىرخانىسى دراما ئۆمىكى، شىنجاڭ نەۋائىي مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى، شىنجاڭ مودا جاز ئوركېستىرى، شىنجاڭ خۇايى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 80 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر