- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەت 46 گە كۆپەيدى
2015.04.13 15:38 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاپرېل تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى 12-ئاپرېل ھازىر ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ گوللاندىيە، بىرازىلىيە، فىنلاندىيە، گرۇزىيە، دانىيەلەرنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەت بولغانلىقىنى ماقۇللىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مالىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 46گە يەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇلار ئاۋىسترىيە، باڭلادېش، بىرازىلىيە، برۇنېي، كامبودژا، جۇڭگو، دانىيە، فرانسىيە، فىنلاندىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندىنوزىيە، ئىران، ئىتالىيە، ئېئوردانىيە، قازاقىستان، كورىيە، كۇۋەيت، قىرغىزىستان، لائوس، ليۇكسېمبورگ، مالايسىيا، مالدىۋې، مالتا، موڭغۇلىيە، بىرما، نىپال، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئومان، پاكىستان، فىلىپپىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سىنگاپور، ئىسپانىيە، سرىلانكا، شۋېتسارىيە، تاجىكىستان، تايلاند، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئەنگلىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ۋيېتناملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر