سۈرەتتە: 12-ئاپرېل، تۇرپاندا ئېچىلغان تۇرپاننىڭ ۋىلايەت نامى بىكار قىلىنىپ شەھەر بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنى نەق مەيدانى.
جۇڭگو ئاخبارات تورى تۇرپان 12-ئاپرېل خەۋىرى:« تۇرپاننىڭ ۋىلايەت نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ رەسمىي قۇرۇلدى!» ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 12-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تۇرپاندا بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
مەركەزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ۋە ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ شەھەر قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، تۇرپاننىڭ ۋىلايەت نامى بىكار قىلىنىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولدى، تۇرپاننىڭ ( ناھىيە دەرىجىلىك ) شەھەرلىك تەشكىلىي تۈزۈلۈشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شەھەر رايون ۋە ناھىيەگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى تەسىس قىلدى.تەۋەلىكىدە بىر رايون يەنى ئىدىقۇت رايونى، ئىككى ناھىيە يەنى پىچان ۋە توقسۇن ناھىيەسى بولدى. بۇ ئىككى ناھىيەنىڭ تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى