باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا–ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى 30–ماي ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.04.13 14:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا – ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  9 – ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە خەلقئارا ئۆلچەمدىكى 800دىن ئارتۇق يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان، 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە 315 يايما ئورنى تىزىملىتىپ بولۇنغان. كارخانىلارنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلاردىن باشقا، قاتنىشىشقا تىزىملىتىۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گىرۇزىيە، ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 100گە يېقىن كارخانىسىمۇ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپتۇ.

  يەرمەنكە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹يىپەك يولى›› ئىقتىساد بەلبېغى ئىستراتېگىيەسىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. مۇشۇنداق ئاز تېپىلىدىغان پۇرسەت بىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنى ئۆتكۈزۈش ئىشەنچىمىزنى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنىمۇ ئاشۇردى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە مىللىي كارخانىلار ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز ماركىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئەلگە تونۇتىدىغان، كارخانىلار ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان، ھەمكارلىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ياخشى سەھنە ھېسابلىنىدۇ. يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە كارخانىچىلار مۇنبىرى، توختام ئىمزالاش مۇراسىمى، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋروپا – ئاسىيا ‹‹ئالتۇن كۆۋرۈك›› خەلقئارا يەرمەنكىسىگە 300دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىسى قاتناشقان، يەرمەنكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار 150 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن، يەرمەنكىدىكى تۈرلۈك سودا – ھەمكارلىق پۈتۈشۈش سوممىسى 2 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، يەرمەنكىدە خەلقئارالاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇشتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، پۇقراۋى يەرمەنكە ئۆتكۈزۈشتە ناھايىتى ياخشى ئۆرنەك يارىتىلغان. بۇ يەرمەنكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، مەملىكىتىمىز ئىچى – سىرتىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، بۇ يەرمەنكە شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق يەرمەنكىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر