باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرى مەخسۇس تۈرىنى باشلىدى

2015.04.20 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 46 ئالىي مەكتەپ تۈنۈگۈنگىچە يېزا ئوقۇغۇچىلىرى مەخسۇس تۈرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى، قوبۇل قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 نومۇر ئېتىبار بېرىلىدۇ. مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاپتاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سەھنىسىدىن ئۇقۇشىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ 95 ئىكەن، نۆۋەتتە، 46 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامىنى ئېلان قىلىپ بولغان. قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر بۇ يىل قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىكەن. ئېتىبار سىياسىتىدە، تاللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق قوبۇل قىلغاندا، ئۆز مەكتىپىنىڭ شۇ جايدىكى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقىدىن ئون نومۇر تۆۋەنلىتىپ قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدىكى ئوخشاش پەن تۈرىدىكى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ نومۇر سىزىقى بويىچە قوبۇل قىلىشتىكى ئېتىبار سىياسىتىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىش-بۇ يىل ئېلىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈچ چوڭ مەخسۇس پىلاننىڭ بىرى بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان باشقا سىناق ئالىي مەكتەپلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى چەت-يىراق، نامرات، ئاز سانلىق مىللەت قاتارلىق رايونلاردىكى ناھىيەلەر، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىن تۆۋەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ %2 تىن ئاز بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر