- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم تۈزۈشكە باشلىدى
2015.04.16 14:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 15-ئاپرېل مۇنداق دېدى: 22-ئاپرېل باشلىنىدىغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتتە، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى تۈزۈشنى باشلايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتىدا يەنىلا كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلار ساقلانماقتا، بۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ كېڭىشىشنى كۈتمەكتە. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئىران 2-ئاپرېل ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە رامكا خارەكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىردىن ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئاساس سالغان ئىدى. بىراق كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئىران ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئورتاق تونۇشنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر