- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا سودا ـ سانائەتكە ئىشلىتىلگەن توكنىڭ بىر باھادا بولۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر دۇ توكنىڭ باھاسى 0.093 يۈەن تۆۋەنلىتىلىدۇ
2015.04.17 14:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئاپرېلدىن باشلاپ، شىنجاڭ سودا ـ سانائەتكە ئىشلىتىلگەن توك باھاسى بىردەك بولۇش يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر دۇ توك 0.093 يۈەن ئەرزانلىتىلىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىدىن باشقا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ئوبلاست شەھەرلىرىدىكى سودا ـ سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى ئۈرۈمچى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
بۇ يىل 8-ئاپرېل، گوۋۇيۈەن يىغىن ئېچىپ، سودا ۋە سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ بىردەك بولۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودا ـ سانائەتكە ئىشلىتىلگەن توك باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىڭ ۋولتتىن 0.018 يۈەن چۈشۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ توك پۇلى يۈكىنى يەڭگىللەتتى. (تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر