باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاكسىيە نازارەت كومىتېتى يېڭى پايچىكلارنى مەبلەغ سېلىشتا ياخشىراق ئويلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى

2015.04.20 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دېڭ گې مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازارغا تىز كىرىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ پاي چېكى ئويناش قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا 17-ئاپرىل مۇنداق دېدى: مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازارغا بەس بەستە كىرىشى كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ ئاكسىيە بازىرىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەمما يېڭىدىن مەبلەغ سالغۇچى بەزى كىشىلەر پاي چېكى بازىرىدىكى خەتەرنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن، ئۇلار پاي چېكى ئويناپ پۇل تېپىش مۇمكىنچىلىكىنىلا كۆرۈپ، پاي چېكى ئويناشتىن زىيان تارتىدىغان خەتەرگە سەل قارايدۇ.

  ئۇ بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى بولۇپمۇ يېڭىدىن بازارغا كىرگەن ئوتتۇرا كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئوبدان ئۆگىنىپ ئاندىن ئاقلانە مەبلەغ سېلىش، بازار قانۇنىيىتىگە رائىيە قىلىش، بازاردىن ئېھتىيات قىلىش، پاي چېكى بازىرىدىكى خەتەرنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇش، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈش، بازاردىكى ئۆيىنى سېتىپ پاي چېكى ئويناش، پۇل قەرز ئېلىپ پاي چېكى ئويناش ھەققدىكى ئېزىقتۇرۇشلاردىن قايمۇقۇپ قالماسلىق، قارغۇلارچە ئەگەشمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر