باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل 200 يەرلىك تەستىقلاش تۈرى قىسقارتىلىدۇ

2015.04.20 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن ۋېيلياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن قەرەللىك سىياسەت خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل يەنە بىر تۈركۈم تەستىقلاش تۈرلىرى بىكار قىلىنىدۇ ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھوقۇق بەرگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇرۇنقى تەستىق تۈرلىرىدىن بۇ يىل 200 دىن ئارتۇقى قىسقارتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمى بۇ يىل ئالدى بىلەن چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان ساھەلەردە يولغا قويۇلىدۇ. ليەن ۋېيلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش-ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىسلاھاتلاردا قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، قويۇۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش، باشقۇرۇشنى تەڭ تۇتۇش ھەم ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر