- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز دالەي لامانىڭ قايتا تۆرۈلىشى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ دۇكانلىرىنىڭ بۇلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالدى
2015.04.17 16:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرىلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 16-ئاپرېل قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنىدا، خۇڭ لېي دالاي لامانىڭ قايتا تۆرىلىشى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ دۇكانلىرىنىڭ بۇلانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى.
جاۋاپ: جۇڭگو ھۆكۈمىتى «دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە «زاڭزۇ بۇددا دىنى گىگەنلىرىنىڭ قايتا تۆرىلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، ھازىر گىگەنلەرنىڭ قايتا تۆرىلىش ئىشلىرى دىنىي قائىدە-يۇسۇن ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى بويىچە نورمال يولغا قويۇلىۋاتىدۇ.
دالاي لاما گېگەنىنىڭ قايتا تۆرۈلۈش ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخى بار، مۇكەممەل دىنىي قائىدە-يۇسۇنلىرى ۋە تارىخىي بېكىتمىلىرى بار. دالاي لامانىڭ قايتا تۆرۈلۈش مەسىلىسىدە چوقۇم دىنىي قائىدە-يۇسۇنلار، تارىخىي بېكىتمىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر