باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

2015.04.16 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما 15-ئاپرېل كەيپتاۋندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ يى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن ئىكەنلىكىنى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، كېيىنكى قەدەمدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يۈكسەك ئىشىنىشنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. زۇما، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان پائال ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىرى كۈچلۈك ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مىننەتدارلىق بىلدۈردى. جەنۇني ئافرىقىنىڭ بۇ جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى خالايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ بولۇپمۇ كەسپىي تەرەققىياتىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە كەسپىي ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىقا پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر