باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەچچە مىليون يۈەن خەجلەپ قۇرغان ھۆكۈمەت تور پونكىتى نېمىشقا «مۇردا»غا ئايلىنىپ قالىدۇ؟

مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە نەزەر

2015.04.17 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16-ئاپرېل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2015-يىلى 3-ئايدىن 12-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە ساقلانغان تور پونكىتلىرى بايقالسا، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىسى ئېغىرراقلىرىنى تاقاپ، توختىتىپ قويۇپ، ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ «مۇردا ھالەتتە بولۇش»، «ئۇيقىچان بولۇش» قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، «ھۆكۈمەت ئورگىنى» قۇرغان ھۆكۈمەت تور پونكىتى 58 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ٪90 ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلى ھۆكۈمەت تور پونكىتى قۇرغان.مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇھىم مۇلازىمەت كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆكۈمەت تور پونكىتى قۇرۇشقا ئادەتتە مىليون يۈەن ھەتتا نەچچە ئون مىليون يۈەن راسخوت كېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاسراش ھەققى، تور بەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىگىمۇ مىليون يۈەن كېتىدىكەن. نۇرغۇن پۇل خەجلەپ مەبلەغ سېلىش بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغىنى شۇكى، قىسمەن ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلاش سۈرئىتى ئاستا بولۇپلا قالماستىن، يەنە خاتالىق كۆپ سادىر بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر