باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: جۇڭگو-روسىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور

2015.04.17 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، موسكۋا، 16-ئاپرېل تېلېگراممىسى. روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: روسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىشى يېڭى بىر ئەۋلاد فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى ياشلارنى تەربىيەلەشكە پايدىلىق.

  پۇتىن شۇ كۈندىكى «پۇتىن بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت» تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو فاشىزم ۋە ياپونىيە مىلىتارىزمى قوزغان ئۇرۇشتا ئەڭ چوڭ زىيان تارتقان دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى ئورتاق غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى. شۇڭا، روسىيە بىلەن جۇڭگو بۇ غەلىبىنى ئورتاق تەبرىكلەشكە ھەقلىق.

  پۇتىن مۇنداق كۆرسەتتى: روسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلىشى، پېشقەدەم ئەسكەر ۋە غەلىبە ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى ياد ئېتىشلا بولماستىن، فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنى تەربىيەلەش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇنىڭغا ئوخشاش تراگېدىيەنىڭ ئىككى دۆلەت تارىخى ۋە ئىنسانلار تارىخىدا قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈندۇر.

  «پۇتىن بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى 2001-يىلدىن باشلاپ قويۇلغان بولۇپ، پۇتىن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق روسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر