باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېڭ جيەنجۇ: ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.04.20 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى سىنىقى خىزمىتى مەخسۇس تەتقىق قىلىندى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ھەر خىل زىددىيەت، قىيىن مەسىلىلەر ئۆزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادە، پائال ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش ئىستىلى بىلەن، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھاتتىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر