باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى ئېگىزلىكتىكى ئايرودروم قۇرۇلىدۇ

2015.04.17 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، 7-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيەسى مەسلىھەت بېرىش ئىنژىنىرلىق شىركىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودرومى ــ تاشقورغان ئايرودرومىغا جاي تاللاش دوكلاتىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزدى. بۇ ئايرودروم قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز تاشقورغان ئايرودرومىنى 2030-يىللىق شىنجاڭ ئايرودروملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش پىلانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق «13-بەش» يىللىق پىلانىدىكى ئايرودروم قۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيەسىگە سۇنۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر