باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلېكتىر تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2015.04.20 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 17-ئاپرىل مۇنداق دېدى: ئېلېكتىر تۈزۈلمە ئىسالھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان پاراۋانلىق خاراكتىرىدىكى تەڭشەپ توك تارقىتىش، ئىشلىتىش پىلانىنى ساقلاپ قېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى، يېزا ئىگىلىك، پاراۋانلىق خاراكتىرىدىكى مۇلازىمەتتە توك ئىشلىتىشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئىسلاھات نامى بىلەن يۇقۇرى سەرپىياتلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرشتىن ساقلىنىپ، بىۋاستە سودا قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقۇرى كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئالاھىدە سىياسەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى شۇ كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئېلېكتىر قۇۋۋىتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى ۋىدىيولۇق تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توغرا ئېلېكتىر ئىسلاھاتى يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك، توك يەتكۈزۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقىتىدا تەڭشەپ، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، توك سەپلەش تورى قېپىلىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر