باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمە نوپۇس ھەقسىز تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى

2015.04.17 11:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش بولۇپ، ئىجارە بېرىلگەن ئۆيلەرگە تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچنى ھەقسىز ئورنىتىپ بېرىشى، شارائىتى يار بەرگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىجارە ئالغۇچىلارنى تېلېۋىزور بىلەن تەمىنلىشى ئاستىدا، نۆۋەتتە شەھىرىمىزدە 20 مىڭ 628 ئائىلىدىكى كۆچمە نوپۇس 30 قانالدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرەلەيدىغان بولدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە 20 مىڭ ئائىلىدىن ئارتۇق كۆچمە نوپۇس تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرەلەيدۇ. كۆچمە نوپۇسلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ نەپ 2014-يىلى ئاپرېل تەڭرىتاغ رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان «كۆچمە نوپۇسلارنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈش قۇرۇلۇشى››دىن كەلگەن. 15-مارت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش بىر قىسىم ئەزالىرىنى تەڭرىتاغ رايونىغا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ تېلېۋىزيە پىروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى.

  بۇلتۇر تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق، بەيگە مەيدانى، داۋان قاتارلىق رايونلارنى سىناق نۇقتا قىلغان ھالدا «كۆچمە نوپۇسلارنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈش قۇرۇلۇشى»نى قانات يايدۇرۇپ، توققۇز رايونغا جايلاشقان 56 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى 42 مىڭ 213 ئاھالىگە سىملىق تېلېۋىزىيە ئورنىتىپ بەرگەن، ھازىرغىچە 21 مىڭ 469 ئائىلىگە تەقسىم قىلىنغان تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچنىڭ 20 مىڭ 628ى ئاللىقاچان ئورنىتىلغان بولۇپ، قالغان قىسمى بۇ يىل ئورنىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر