- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تاكسىلارنىڭ ماي تولۇقلىما پۇلى 20-ئاپرېلدىن بۇرۇن تارقىتىلىدۇ
2015.04.17 11:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى 8- ئاپرېل «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2013-يىللىق شەھەر تاكسىلىرى ماي باھا تولۇقلىما پۇلىنى تارقىتىش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، تولۇقلىما پۇلنى تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا 20-ئاپرېلدىن بۇرۇن يەتكۈزۈپ بولۇشنى پىلانلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تولۇقلىما تارقىتىش 2013-يىلى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تىزىملاتقان ۋە 2013- يىللىق ماي باھاسى تولۇقلىما پۇلىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان تاكسىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، تولۇقلىما پۇلى ئېلىشقا تىزىملاتقان تاكسى 12 مىڭ 826 ئىكەن. 2014-يىلى يېڭىدىن قوشۇلغان تاكسىلار، تولۇقلاپ تەكشۈرۈلگەن تاكسىلار ماي باھاسى تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرمەيدىكەن.
2013-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە، يەنى كىرا ھەققى تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقى ماي باھاسى تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر ئېيىغا 1085 يۈەندىن؛ 2013-يىلى مايدىن دېكابىرغىچە، يەنى كىرا ھەققى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ماي باھاسى تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ھەر ئېيىغا 813.75 يۈەندىن بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر