باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئون مىليون يۈەنگە ئۈچ تەرەپنى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى مال مۈلكىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى

2015.04.16 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 15- ئاپرېل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 15- ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، يەتتە بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى نۇقتىلىق چوڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش كومىتېتى 2015- يىللىق مەركەزلىك نۇقتىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ۋە چەت ئەلدىكى دۆلەت مۈلكىنى تەكشۈرۈش تۈرى مۇلازىمىتىگە خېرىدار بولدى، خېرىدارلىق باھاسى 11 مىليون 139 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  بۇ يەتتە بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى «تيەنجى» خەلقئارا بۇغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، «جۇڭخۇەيخەي» بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، «لىشىن» بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، «داخۇا» بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، «جىتۇڭ» بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، «پۇخۇايۇڭداۋ جۇڭتيەن» بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، «شىنيۇڭ جۇڭخې» بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى.

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ 17- كۈنى گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، نۇقتىلىق چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى سېتىۋىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى مۈلكىنى تەكشۈرەيدىكەن، سېتىۋىلىش مۇلازىمىتى بويىچە خېرىدار بولغان تۈر 7 بولۇپ، بۇنىڭ تۆتى مەركەزلىك نۇقتىلىق تەكشۈرۈش تۈرى بولۇپ، ئۈچى چەت ئەلدىكى دۆلەت مۈلكىنى تەكشۈرۈش تۈرى ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر