- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى: بۇ يىل « 4G قۇرۇلۇشى تېزلىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىپ تور سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ
2015.04.16 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى، بېيجىڭ، 15- ئاپرېل تېلېگراممىسى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزى مىكروبىلوگى@ سانائەت ئۇچۇر ئۈندىدار گېزىتى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «يان تېلېفون ئېقىم مىقدارى قىممەت بولۇش ۋە تور سۈرئىتى ئاستا بولۇش» جەمئىيەت كۆڭۈل بۈلۈۋاتقان ۋە رەھبەرلىك دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلسى بولۇپ قالغان. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىلەن بىللە «كەڭ بەلباغ جۇڭگو ئىستىراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تور سېلىنىمىسىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يان تېلېفۇن ئىقىمى ھەققىنى تۆۋەنلەتكەن. لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ يوليۇرۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنسىتىرلىقى بۇ يىل كەڭ بەلباغ مەخسۇس ھەرىكىتى «4G قۇرۇلۇشى تېزلىتىش»،«تور سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش» خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالار سۈرئىتى تېز، باھادا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلگەن تور مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر