باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيىدىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىش بىرقانچە بەلگىلىمىسى بېسىپ تارقىتىلدى

2015.04.17 11:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا ئارمىيىدىكى پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىش ھەققىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىنى بېسىپ تارقاتتى. باش سىياسىي بۆلۈم، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىمدىن ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش، ئۆگىنىش ، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى ئەمەلىي ھەرىكەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش،توغرا سىياسىي ئېتىقادنى چىڭىتىش، سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلەشتۈرۈشنى توسۇش ۋە تۈزىتىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. پارتىيىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوليورۇق سوراش دوكلات تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ئادەم تاللاش ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزۈتۈپ، مالىيە ئىقتىساد ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇپ ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئالاھىدە ھوقۇق ئىدىيىسى ۋە ھادىسىسىنى تۈگىتىش لازىم.

  باش سىياسىي بۆلۈم، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، چارلاش، ئىقتىسادىي مۇپەتتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېنىق تەكشۈرۈش خۇپىيانە زىيارەت قىلىش، مەسىلىلەرنى ئۇقتۇرۇش، جامائەت يېتەكچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى تەڭ قوللىنىپ، نازارەت قىلىش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن قالدۇرماسلىق لازىم. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى چىڭ تۇتۇش، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش كېرەك. يولۋاس ، چىۋىنلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، بەلگىلىمىگە كىم خىلاپلىق قىلىشتىن قەتئىي نەزەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش، بولۇپمۇ شامالغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلاغا ئاشكارا زەربە بېرىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى چىڭىتىش لازىم. ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتكوملار ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش؛ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلار بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش؛ ئورگان تارماقلىرى كىم مەسئۇل بولسا شۇ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش لازىم. ساھەلەر بويىچە سىستېمىلارغا بۆلۈپ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئېغىر مەسىلىلەردە بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر