خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ -14 ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چەرچەن ناھيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئائىلىسىدە قىيىنچلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ جاپا مۇشەقەتكە چىداپ ،ئۇلارنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە 4-ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ،2014-يىلغا قارىتا ئائىلىسىدە قىنچىلىقى بار 488 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 201 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى .ئىگىلىنىشچە چەرچەن ناھيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ 2010-يىلى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىشىنى باشلىغان بولۇپ ،ھازىرىچە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىرىشكەن ئوقۇغۇچى 3000گە ،ئومۇمىي ئوقۇش ياردەم پۇلى 3مىليۇن 200مىڭ يۈەنگە يەتكەن .
سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا .چەرچەن ناھيەلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدىن : مەڭلىك ئىمىن .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى