باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پەقەت خىيانەتچى ئەمەلدارنىلا تۇتمايدۇ

2015.04.14 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دوستلىرىم بىلەن خىيانەتچى ئەمەلدار تېمىسىدا سۆزلىشىۋاتقاندا بىرى: «55 ياشتىن يۇقىرى، ۋىلايەت، شەھەرلەردە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم خىيانەتچى ئەمەلدار، ئۇلارنىڭ پەقەت <يولۋاس>، <چىۋىن>دىن ئىبارەت پەرقى بار» دېدى. بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا بەس مۇنازىرە قوزغىدى. كېيىن بۇ گەپنى قىلغۇچى ئۆز قارىشىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى، ياخشى ئويلاشماستىنلا دېگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن قىسمەن كىشىلەرنىڭ مەركەزنىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى خاتا چۈشىنىپ، ھەقىقەتنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئىشنى ھە دېسىلا بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز چىرىكلىككە قەتئىي زەربە بېرىپ، جۇ يۇڭكاڭ، لىڭ جىخۇا، سۇ رۇڭ قاتارلىقلارنى تۇتتى. لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، قىسمەن كىشىلەر بۇنىڭلىق بىلەن «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش»نى ئاددىيغىنە قىلىپ قانچىلىق «يولۋاس»، «چىۋىن» تۇتۇش بىلەن تەڭ بىلدى. «يولۋاس»، «چىۋىن»نى قانچە كۆپ تۇتقانسېرى قىسمەن كىشىلەر يەنە: «تەكشۈرمىسە بىلمەيدۇ، تەكشۈرسە ھەيران قالىدۇ» دېگەندەك خاتا قاراشتا بولدى. شۇڭا ئاتالمىش «55 ياشتىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلدار چوقۇم خىيانەتچى ئەمەلدار» دېگەن سەپسەتىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس.

  بۇ سەپسەتىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى زادى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پەقەت خىيانەتچى ئەمەلدارنىلا تۇتامدۇ؟ پارتىيە نىزامىنى كۆرىدىغان بولساق، پارتىيە نىزامى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە-تۈزۈملەرنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى پەقەت «خىيانەتچى ئەمەلدارنى تۇتۇش»لا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتى «پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىنى قوغداش» بولۇپ، ئۇ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلغۇچى «تۆمۈر تۇمشۇق»تۇر.

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر