باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون كەسپىي ئاپپاراتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇردى

2015.04.16 15:01         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىدە مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرغان، ئاپپارات ئىشتاتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 101 كەسپىي ئاپپارات قىسقارتىلىپ، 4388 كەسپىي ئىشتات قايتۇرۇۋېلىنغان.

  ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلغان، «ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش ۋە ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى» تۈزۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەشكىللەنگەن. ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قايتا تەشكىللەنگەن، سودا - سانائەت، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشنىڭ دەسلەپكى پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنگەن.

  مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان، ئېنىقلاش، رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يولغا قويغان 368 تەستىق تۈرى، 302 تارماق تۈر، ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن 767 تۈر ئېلان قىلىنغان، قىسقارتىش نىسبىتى %41كە يەتكەن. سىياسەت ئۆلچىمى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىلىپ، كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. بۇ ئاساستا كەسپىي ئاپپاراتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئاپپاراتتىن 101ى قىسقارتىلىپ، 4388 كەسپىي ئىشتات قايتۇرۇۋېلىنغان، 124 باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنى بىكار قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر