باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىلارى زۇڭتۇڭلۇق تەختىدىن قانچىلىك يىراق؟

2015.04.16 10:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دىموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى ھىلارى كىلىنتون 12-ئاپرېل 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئاددىي ئامېرىكا ئاممىسى مەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ سابىق بىرىنچى خانىمى ۋە ئۇنىڭ سايلام ئەترىتىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دىموكراتلار پارتىيەسىدە، ھىلارى ئەزەلدىن ھەممە قايىل بىردىنبىر نامزات. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان ئەلرايى تەكشۈرىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاش نىسبىتى دىموكراتلار پارتىيسى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپلا قالماستىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى قىززىق نامزات، بۇش جەمەتىدىن بولغان جېب بۇش بىلەن بولغان رېقابەتتىمۇ ئۇتۇپ چىقىپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھىلارى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا باشقا نامزاتلارنىڭ چىقىشى ناتايىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسان توختىدى، دېيىشكە بولىدۇ.بۇ ھىلارىنىڭ ئىككىنچى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىشى. 2008-يىلى ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەسلەپكى سايلامدا يەنە بىر نامزات، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباماغا يېڭىلىپ قالغان. ئۇ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قالتىس ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك سىياسىي تەسىرى يېڭى زۇڭتۇڭ ئوبامانى قايىل قىلغاچقا، ئامېرىكىنىڭ 67-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان.

  بەلكىم ئۇنىڭ بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادىسى ۋە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان مىجەزى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا تاماملىغان 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىڭ جەلبكارلىق رايىنى تەكشۈرۈشتە، ھىلارى %43لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، جېب بۇش %37لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ھىلارىدىن كېيىنلا تۇرغان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ %67ى ھىلارى كۈچلۈك رەھبەر دەپ قارىغان، يەنە %60 كىشى ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن يېڭى ئوي بار، دېگەن.

  ھىلارىنىڭ يۇقىرى قوللاش نىسبىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان مەزگىلدىكى سىياسىي ھاياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بارلىققا كېلىشكە بولغان ئۈمىدىدىن كەلگەن. بۇندىن باشقا ھىلارىغا يەنە ئىككى زۇڭتۇڭ ھەمدەم بولىدۇ.

  ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ يولدىشى كىلىنتون پارتىيە ئىچىدىكى تەسىرىدىن كۈچىنىڭ بېرىچە پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدۇ. كىلىنتون بۇرۇن ئاشكارە ھالدا: ھاياتىمدا ئامېرىكىدا بىر ئايال زۇڭتۇڭنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ھىلارىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ناھايىتى ئېنىق. ئىككىنچى، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوباما بۇلتۇر ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى كۈچلۈك رىقابەتچى بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئىككىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلسا، ئۇلۇغ زۇڭتۇڭ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، دېگەن. يۇقارقى ئىككى مۇھىم شەخسنىڭ مەدىتى بىلەن ھىلارىنىڭ سايلام يولى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ھىلارىنىڭ دىموكراتلار پارتىيەسىگە ۋەكالىتەن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇقىملىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇپ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولۇش بولالماسلىقىدا يەنە جامائەتچىلىك جېڭى، سايلام مەبلىغى توپلاش، ياش قاتارلىق نۇرغۇن سىناقلار بار.

  يېقىندا تاراتقۇلار ھىلارى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا شەخسى ئېلخەت ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئېشىنى بېجىرگەن «ئىلخەت ۋەقەسى»نى ئاشكارىلىدى. بەزى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىشنىڭ تەسىرىدە ھىلارىنىڭ قوللاش نىسبىتى ئاز-تولا تۆۋەنلىگەن. بەزى سايلىغۇچىلار ھىلارىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنىڭ «سەمىمىي ئەمەسلىكى، ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدىغانلىقى»نى كۆرسىتىدۇ، دېگەن.

  تەھلىلچى ئەرباپلار مۇنداق دەپ قارىدى: «ئېلخەت ۋەقەسى»دىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر يەنە 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ بەنغازىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى، كىلىنتون فوند جەمئىيىتىنىڭ چەتئەل ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ھىلارىغا ھۇجۇم قىلىدىكەن.

  بۇندىن باشقا، ھىلارى دۇچكېلىدىغان سايلام مەبلىغى توپلاش بېسىمىمۇ خېلى ئېغىر. كىشىلەر ھىلارىنىڭ سايلام ئەترىتى ئاز دېگەندە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت توپلىشى كېرەك، دەپ مۆلچەرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىلارى يەنە ياش ۋە ساغلاملىق جەھەتتىمۇ ئاجىز كېلىدۇ. 1947-يىلى تۇغۇلغان ھىلارى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2012-يىلى ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر