- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىللىي رايونلاردىكى يېزىلاردىكى 3مىليون 570مىڭ نامرات ئاھالە ئازايدى
2015.04.16 16:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈشلەردە 2014-يىلى ئېلىمىزدىكى مىللىي سەككىز ئۆلكە رايون يېزىلىرىدا 22مىليون 50مىڭ نامرات نوپۇس بار بولۇپ، ئۆلكە يېزا نوپۇسىنىڭ ٪14.7ى ئىگىلەپ، مەملىكىتىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ٪31.4نى ئىگىلەيدىكەن.
مىللىي سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى نىسبىي مەركەزلەشكەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، شىزاڭ ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت بەش ئاپتونوم رايون ۋە گۈيجۇ، يۈننەن، چىڭخەي ئۈچ ئۆلكىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)دىكى 74مىڭ يېزا ئاھالە ئائىلىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2300يۈەنلىك يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىگە ئاساسەن مۆلچەرلىگەندە، 2014-يىلى مىللىي سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا يېزىلىرىدا 22مىليون 50مىڭ نامرات نوپۇس بار بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 3مىليون 570مىڭ كىشى ئازىيىپ، نامراتلىقنى ئازايتىش نىسبىتى ٪13.6گە يېتىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە نامراتلىقنى ئازايتىش نىسبىتى ٪14.9 بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر